جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:56

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

    (2010–يىل4–ئاينىڭ29–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ14–يىغىنىداماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

     (29 – نومۇرلۇق)

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تۆلىمى قانۇنى›› غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    1 . 2 – ماددا: ‹‹دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلىش ئەھۋاللىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرىنى سادىر قىلىپ زىيان سالسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى مۇشۇ قانۇن بويىچە دۆلەت تۆلىمى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

    مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئادا قىلىشى كېرەك.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    2 . 3 – ماددىنىڭ (3) تارماقچىسى: ‹‹(3) ئۇرۇش، خورلاش قاتارلىق قىلمىشلار ياكى باشقىلارنى ئۇرۇش، خورلاشقا كۈشكۈرتۈش، يول قويۇشقا ئوخشاش قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، پۇقرالارنى زەخىملەندۈرۈپ قويسا ياكى ئۆلتۈرۈپ قويسا؛›› دەپ تۈزىتىلدى.

    3 . 4 – ماددىنىڭ (3) تارماقچىسى: ‹‹(3) مال – مۈلۈكنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئالسا، ئېلىپ ئىشلەتسە؛ ›› دەپ تۈزىتىلدى.

    4 . 6 – ماددىنىڭ 3 – تارمىقى: ‹‹زىيانغا ئۇچرىغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات ئاخىرلاشسا، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچى تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.›› دەپ تۈزىتىلدى.

    5 . 9 ماددا: ‹‹تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 3 –، 4 – ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋالنىڭ بىرى بولسا، ئۇ، تۆلەم بېرىشى كېرەك.

    تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تۆلەم تەلىپىنى ئاۋۋال تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنىغا قويۇشى كېرەك، بۇ تەلىپىنى مەمۇرىيقايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلغاندا بىللە قويسىمۇ بولىدۇ،›› دەپ تۈزىتىلدى.

    6 . 12 – ماددىغا: ‹‹تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئۆزى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئەمەسلىرى زىيانغا ئۇچرىغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ئىسپاتىنى بېرىشى كېرەك،›› دېگەن بىر تارماق قوشۇلۇپ، 3 – تارمىقى قىلىندى.

    ‹‹تۆلەم تەلەپ قىلغۇچىلاردىن ئىلتىماسنى ئۆزى ئاپىرىپ بەرگەنلىرىگە تۆلەم مەجبۇرىيەت ئورگىنى شۇ مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەخسۇس تامغىسى بېسىلغان ھەمدەتاپشۇرۇۋالغان كۈن ئەسكەرتىلگەن ئىسپاتنى بېرىشى كېرەك، ئىلتىماس ماتېرىيالى تولۇق بولمىغانلىرىغا تۆلەممەجبۇرىيەت ئورگىنى تۆلەم تەلەپ قىلغۇچى تولۇقلايدىغان ھەممە مەزمۇننى شۇ يەردىلا ياكى بەش كۈن ئىچىدە بىر يولىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك،›› دېگەن يەنە بىر تارماق قوشۇلۇپ، 4 – تارمىقى قىلىندى.