جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:56

    (2010 – يىل 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    (25 – نومۇرلۇق)

    ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى›› 2010 – يىل 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2010 – يىل 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب تەشكىلىي رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى

    3 – باب دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك پىلانى، سەپەرۋەرلىك لايىھەسى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرۈش

    4 – باب دۆلەت مۇداپىئەسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشتۈرلىرى ۋە مۇھىم مەھسۇلاتلار

    5 – باب زاپاس ھەربىيلەرنى تەييارلاپ قويۇش ۋە چاقىرىش

    6 – باب ئىستراتېگىيەلىك ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىش

    7 – باب ھەربىي پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشى ۋە رېمونت كاپالىتى

    8 – باب ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش

    9 – باب دۆلەت مۇداپىئە مۇلازىمىتى قىلىش

    10 – باب پۇقراۋى بايلىقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىش

    11 – باب تەشۋىق – تەربىيە

    12 – باب ئالاھىدە تەدبىر

    13 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    14 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.