جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 12:55:03

    (1988–يىل 9–ئاينىڭ 5–كۈنى 7–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 2010–يىل 4–ئاينىڭ 29–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    (28 –نومۇرلۇق)

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنى›› 2010 – يىل 4 –ئاينىڭ 29 –كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش قانۇنى›› ئېلان قىلىندى، 2010 –يىل 10 –ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2010 – يىل 4 – ئاينىڭ 29 –كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ دائىرىسى ۋە دەرىجىسى

    3 – باب مەخپىيەت ساقلاش تۈزۈمى

    4 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 –باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا دۆلەت مەخپىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېكىتىلىدىغان، مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە مۇئەييەن دائىرىدىكى كىشىلەرلا بىلسە بولىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

    بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇقرالارنىڭ دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

    دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق قىلمىشنى قانۇن سۈرۈشتۈرۈشى شەرت.

    4 – ماددا دۆلەت مەخپىيىتىنى ساقلاش خىزمىتى(تۆۋەندە مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتى دېيىلىدۇ)دە پائال ئالدىنى ئېلىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، قانۇنبويىچە باشقۇرۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلۇپ، ھەم دۆلەت مەخپىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ھەم ئۇچۇر بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

    قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئاشكارىلاش بەلگىلەنگەن ئىشلارنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش كېرەك.

    5 – ماددا دۆلەتنىڭ مەخپىيەت ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەملىكەت بويىچە مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مەخپىيەتلىك ساقلاش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    6 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى ۋە دۆلەت مەخپىيىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئورۇنلار (تۆۋەندە ئورگانلار ۋە ئورۇنلار دېيىلىدۇ) شۇ ئورگان ۋە ئورۇننىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

    مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئۆز سىستېمىسىنىڭ مەخپىيەت ساقلاش خىزمىتىنى خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە باشقۇرىدۇ ياكى ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.