جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 12:55:03

    (1997–يىل5–ئاينىڭ9–كۈنى8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25–يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 2010–يىل6–ئاينىڭ25–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15–يىغىنىنىڭ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غائاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىيتەپتىش خادىملىرى

    3 – باب مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

    4 – باب مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى

    5 – باب مەمۇرىي تەپتىش تەرتىپى

    6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت پەرمانىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەمۇرىي ئىنتىزامنى ساقلاش، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

    2 – ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزگۈچى ئورگىنى، ئۇ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ئورگانلىرى، ئۇنىڭ مەمۇرلىرى ۋە دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن مەمۇرىي تەپتىش قىلىدۇ.

    3 – ماددا مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ؛ باشقا مەمۇرىي تارماق، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

    4 – ماددا مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇش، دەلىل – ئىسپاتقا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، قانۇن ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامنى ھەممە ئادەمگە باراۋەر تەتبىقلاش شەرت.

    5 – ماددا مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە تەربىيە بېرىش بىلەن جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىلەن تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

    6 – ماددا مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە ئاممىغا تايىنىش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پاش قىلىشتۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ ھەر قانداق مەمۇرىي ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ مەمۇرلىرى، دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن باشقا خادىملارنىڭ مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىنى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا شىكايەت قىلىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ئەرز، شىكايەتنى قوبۇل قىلىشى ھەم قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىسمى بىلەن پاش قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

    مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى پاش قىلىنغان ئىشلارنىڭ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنىڭ، شۇنىڭدەك پاش قىلغۇچىغائالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاپ، پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.