جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  يېزا ئىگىلىك پەن تىخنىكىسى ئۇچۇر مۇلازىمەت    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 12:55:03

    2002 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2002 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 73 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

    [1- باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 ‿ماددا بۇ قانۇن ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساس قىلىنغان، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلارغا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم كاپالەتلىك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىش، يېزا يەر ھۆددىگەرلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2- ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا يېرى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغان ۋە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولسىمۇ، دېھقانلار قانۇن بويىچە كوللېكتىپ ئىشلىتىدىغان تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق يەر ھەمدە قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    3 ‿ماددا دۆلەت يېزا يېرى ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

    يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئائىلە ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدىغان قاقاس تاغ، قاقاس جىلغا، قاقاس ئېدىرلىق، قاقاس ساي قاتارلىق يېزا يېرى خېرىدار چاقىرىش، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، ئاشكارا كېڭىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھۆددە بېرىلسە بولىدۇ.

    4 ‿ماددا دۆلەت يېزا يېرى ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

    يېزا يېرى ھۆددە بېرىلگەندىن كېيىن، يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگەرمەيدۇ. ھۆددە يەرنى ئېلىپ - سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

    5 ‿ماددا يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ھۆددە بەرگەن يېزا يېرىنى قانۇن بويىچە ھۆددە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

    ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزالىرىنى يەر ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشىغا ۋە ئۇنى قانۇنسىز چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

    6 ‿ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ھۆددىگەرلىكتە ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنى بەھرىمەن بولىدىغان يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا زىيان سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    7 ‿ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە ئاشكارا، ئادىل، لىللا بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

    8 ‿ماددا يېزا يەر ھۆددىگەرلىكىدە قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش، يەر بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى قوغداش كېرەك. ھۆددە يېرىنى قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشلارغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

    دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ يەر سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، يەرنى مۇنبەتلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.