جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىيەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  يېزا ئىگىلىك پەن تىخنىكىسى ئۇچۇر مۇلازىمەت    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 12:55:03

    (2001- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتىتىنىڭ 23- يىغىنىدا ماقۇللاندى )

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتيى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    55-نۇمۇرلۇق

    «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىيەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قانۇنى» 2001- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي دائىمىي كومىتىتىنىڭ 23- يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى ، 2002- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ رەئىسى جىياڭزېمىن

    1- 2001- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى

    2- باب ئۇمۇمىي پىرىنسىپ

    ماددا بۇ قانۇن يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش ، ئىكىلوگىيە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ، ئىقتىسادى ۋە ئىجدىمايى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزىلدى .

    ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى تەۋەسىدە يەر قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەش ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ پايدىلىنىشتا مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىشى شەرت .

    يەرنىڭ قۇملىشىشى كىلىمات ئۆزگىرىش ۋە ئىنسانلار پائالىيتى تۈپەيلىدىن تەبئىي قۇملۇق كىڭىيىش ۋە قۇمساڭ تۇپراقتىكى يېپىنچە ئۆسۈملۈك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، قۇمسال تۇپراق يالىڭاچلىنىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .

    3- بۇ قانۇندا دىيىلگەن يەرنىڭ قۇملىششى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ نامۇۋاپىق پائالىيتى تۈپەيلىدىن تەبئىي قۇملۇق كىڭىيىش ۋە قۇمسال تۇپراقتىكى يېپىنچە ئۆسۈملۈك ھەم قاپلىمىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، كۆچمە قۇم شەكىللىنىش ۋە قۇمسال تۇپراق يالىڭاچلىنىپ قېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ .

    (1) بۇ قانۇندا دىيىلگەن قۇملاشقان يەر ، قۇملىشىپ بولغان يەر ۋە روشەن قۇملىشىۋاتقان يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . كونكىرت دائىرىسى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان مەملىكەت بويىچە قۇمدىن مۇداپىيەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىدا بىكىتىلىدۇ .

    (2) ماددا قۇمدىن مۇداپىيەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە مۇنۇ پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك :

    (3) بىر تۇتاش پىلانلاش ، ھەر جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ، قەدەم باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇش ، رايونلار بويىچە مۇداپىيەلىنىش ، تىزگىنلەش بىلەن نوقتىلىق مۇداپىيەلىنىش ، تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش ؛

    (4) مۇداپىيەلىنىشنى ئاساس قىلىش ، مۇداپىيەلىنىش بىلەن تىزگىنلەشنى بىرلەشتۈرۈش ، ھەر تەرەپلىمە تىزگىنلەش ؛

    (5) يېپىنچە ئۆسۈملۈكنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن تەبئىي بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈش ؛

    (6) ئىكىلوگىيە قانۇنىيتىگە ئەمەل قىلىش ، پەن- تىخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىش ؛

    (7) ئىكىلوگىيلىك مۇھىتنى ياخشىلاش بىلەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بىرىشنى بىرلەشتۈرۈش ؛