جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  يېزا ئىگىلىك پەن تىخنىكىسى ئۇچۇر مۇلازىمەت    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 12:55:03

    1986 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1988 - يىل 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن 1 - قېتىم تۈزىتىلگەن، 1998 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، 2004 - يىل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ قانۇن يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يەرگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى قوغداش، يەر بايلىقىنى قوغداش، ئېچىش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي قوغداش، ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەرگە بولغان سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكى يولغا قويۇلىدۇ.

    ئومۇمىي خەلق ئىگىدارچىلىقىدىكى، يەنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

    ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يەرنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئېلىپ - سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.

    دۆلەت جامائەت مەنپەئىتى ئېھتىياجى بىلەن، يەرنى قانۇن بويىچە ئالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىدۇ.

    دۆلەت دۆلەت يېرىنى ھەقلىق ئىشلىتىش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ. لېكىن، دۆلەت ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئايرىپ بەرگەن دۆلەت يېرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    3- ماددا يەرنى ئىنتايىن قەدىرلەش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە تېرىلغۇ يەرنى ھەقىقىي قوغداش دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، يەر بايلىقىنى قوغدىشى ۋە ئېچىشى، يەرنى قانۇنسىز ئىگىلەپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى چەكلىشى كېرەك.

    4 - ماددا دۆلەت يەرنى ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

    دۆلەت يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىنى تۈزۈپ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى بەلگىلەپ، يەرنى يېزا ئىگىلىك يېرى، قۇرۇلۇش يېرى ۋە پايدىلانمىغان يەر دەپ ئايرىيدۇ. يېزا ئىگىلىك يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىۋېتىشنى قاتتىق چەكلەپ، قۇرۇلۇش يېرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەپ، تېرىلغۇ يەرنى ئالاھىدە قوغدايدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك يېرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان يەر، جۈملىدىن تېرىلغۇ يەر، ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرى، دېھقانچىلىق سۇ ئىنشائاتى يېرى، باقمىچىلىق سۇ يۈزى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ قۇرۇلۇش يېرى بىنا، قۇرۇلمىلارنى سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر، جۈملىدىن شەھەر - يېزىلاردىكى تۇرالغۇ جاي ۋە جامائەت ئەسلىھەلىرى يېرى، زاۋۇت - كان يېرى، قاتناش - سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى يېرى، ساياھەت يېرى، ھەربىي ئەسلىھە يېرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛ پايدىلانمىغان يەر يېزا ئىگىلىك يېرى ۋە قۇرۇلۇش يېرىدىن باشقا يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەر يەرنى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىدا بېكىتىلگەن ئىشلىتىش ئورنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئىشلىتىشى شەرت.