بېقىۋېلىش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  يېزا ئىگىلىك پەن تىخنىكىسى ئۇچۇر مۇلازىمەت    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 12:55:03

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ قانۇن قانۇنلۇق بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى، بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى

    2 - ماددا بېقىۋېلىش قۇرامىغا يەتمىگەن بېقىۋېلىنغۇچىلارنىڭ بېقىلىشىغا، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدلىق بولۇشى، بۇنىڭدا بېقىۋېلىنغۇچى بىلەن بېقىۋالغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلۈشى، باراۋەرلىك - ئىختىيارىيلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىشى لازىم. ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

    3 - ماددا بېقىۋېلىش پىلانلىق تۇغۇتقا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ بولماسلىقى كېرەك.

    2 - باب بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى

    4 - ماددا تۆۋەندىكى 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىۋېلىشقا بولىدۇ:

    (1) ئاتا - ئانىسىدىن يېتىم قالغان بالىلار؛

    (2) ئۆز ئاتا - ئانىسى تېپىلمىغان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە بالىلار؛

    (3) ئۆز ئاتا - ئانىسى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا باقالمىغان پەرزەنتلەر.

    5 - ماددا تۆۋەندىكى پۇقرالار، تەشكىلاتلار باقتۇرغۇچى بولالايدۇ:

    (1) يېتىم بالىنىڭ ۋەسىيىسى؛

    (2) ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى؛

    (3) ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا ئۆز بالىسىنى باقالمىغان ئاتا - ئانىلار.

    6 - ماددا بېقىۋالغۇچى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى تەڭلا ھازىرلىشى لازىم:

    (1) پەرزەنتسىز بولۇش؛

    (2) بېقىۋېلىنغۇچىنى بېقىش - تەربىيىلەش ئىقتىدارى بولۇش؛

    (3) تېببىي جەھەتتە بالا بېقىۋېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىلىدىغان كېسىلى يوق بولۇش؛

    (4) 30 ياشقا توشقان بولۇش.

    7 - ماددا ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى بىر ئەۋلاد شىرەم قانداش تۇغقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىۋېلىش بۇ قانۇننىڭ 4 - ماددا 3 - تارماقچىسى، 5 - ماددا 3 - تارماقچىسى، 9 - ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ۋە بېقىۋېلىنغۇچى 14 ياشقا توشمىغان بولۇش دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

    جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى بىر ئەۋلاد شىرەم قانداش تۇغقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىۋالسا، بېقىۋالغۇچى پەرزەنتسىز بولۇش دېگەن چەكلىمىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ.

    8 - ماددا بېقىۋالغۇچى بىرلا بالا بېقىۋالسا بولىدۇ.

    يېتىم بالا، مېيىپ بالا ياكى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى بېقىۋاتقان ئۆز ئاتا - ئانىسى تېپىلغان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە بالىلارنى بېقىۋېلىش بېقىۋالغۇچى پەرزەنتىسىز بولۇش ۋە بىرلا بالا بېقىۋېلىش دېگەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.

    9 - ماددا جورىسىز ئەرلەر قىز بالا بېقىۋالماقچى بولسا، بېقىۋالغۇچى بىلەن بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ياش پەرقى 40 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

    10 - ماددا ئاتا - ئانا ئۆز پەرزەنتىنى بېقىۋېلىشقا بەرمەكچى بولسا، ئىككىسى بىرلىكتە بېرىشى لازىم. ئۆز ئاتا - ئانىدىن بىرى ئېنىقسىز بولسا ياكى تېپىلمىسا، يەنە بىرى بېقىۋېلىشقا بەرسە بولىدۇ.

    جورىسى بارلار بالا بېقىۋالغۇچى بولسا، ئەر خوتۇن بىرلىكتە بېقىۋېلىشى لازىم.