شيۇڭ شۈەنگو
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 19:03:07

 

    شيۇڭ شۈەنگو، ئەر، خەنزۇ، 1964-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن چاڭدېدىن، 1986-يىلى 6-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1991-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.

    1981-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 8-ئايغىچە غەربىي جەنۇب سىياسىي-قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن كەسپىدە تولۇق كۇرس، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

    1988-يىلى 8-ئايدىن 1991-يىلى 7-ئايغىچە ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى كەسپىدە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

    1991-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 8-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كادىرى بولغان (بېيجىڭ شەھىرى خۇەيرۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە چېنىققان).

    1992-يىلى 8-ئايدىن 1995-يىلى 1-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى سوتچىسى بولغان (مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىك).

    1995-يىلى 1-ئايدىن 1998-يىلى 11-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سوتچىسى، جىنايى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (1998-يىلى 3-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مەركىزىي كومىتېت، دۆلەت ئورگانلىرى شۆبىسىدە ئوقۇغان).

    1998-يىلى 11-ئايدىن 2002-يىلى 2-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

    2002-يىلى 2-ئايدىن 2002-يىلى 4-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار 2-سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

    2002-يىلى 4-ئايدىن 2005-يىلى 8-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، جىنايى ئىشلار 2-سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان (2003-يىلى 4-ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ چېنىققان).

    2005-يىلى 8-ئايدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان (2010-يىلى 5-ئايدىن 2010-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

    2011-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەكومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.(تامام)