خۇ ۋېي
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 19:03:06

 

خۇ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1962-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، جېجياڭ دېچىڭدىن، 1984-يىلى 3-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1982-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئەمەلىي جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى.

   1978-يىلى 11-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە خاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان.

   1982-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 4-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى دېچىڭ ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدە كادىر بولغان.

   1984-يىلى 4-ئايدىن 1984-يىلى 5-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جېجياڭ ئۆلكىسى دېچىڭ ناھىيىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

   1984-يىلى 5-ئايدىن 1986-يىلى 8-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىجېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان.

   1986-يىلى 8-ئايدىن 1989-يىلى 10-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجى قوشۇمچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

   1989-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 4-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ھاكىم، مۇۋەققەت ھاكىم بولغان.

   1990-يىلى 4-ئايدىن 1992-يىلى 11-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم بولغان.

   1992-يىلى 11-ئايدىن 1994-يىلى 8-ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (1993-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

   1994-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ قانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان).

   1998-يىلى 12-ئايدىن 2001-يىلى 10-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان (2000-يىلى 12-ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلانغان).

   2001-يىلى 10-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

   2004-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2002-يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 7-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئەمەلىي جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).

   2005-يىلى 7-ئايدىن 2010-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

   2010-يىلى 12-ئايدىن 2011-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭباشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

   2011-يىلى 2-ئايدىن 2011-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

   2011-يىلى 9-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى.

   سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.