بەي جىجيې
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 19:03:06

 

    بەي جىجيې، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشىخېڭشەندىن، 1978-يىلى 2-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1973-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

    1973-يىلى 9-ئايدىن 1979-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستى چاپچال تاغلىق رايون ئورمانچىلىق مەيدانىدا ئىشچى بولغان.

    1979-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق غەربىي تيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەكشۈرۈش-لايىھىلەش ئەترىتىدە ئىشچى، كادىر بولغان.

     1983-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدا كادىر بولغان (1984-يىلى 3-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە ئىلى ئوبلاستلىق مالىيە-سودا مەكتىپىنىڭ مالىيە كەسپىدە ئوقۇغان).

    1986-يىلى 1-ئايدىن 1987-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىكۈيتۈن شەھەرلىك مالىيە ئىدارىسىدا بوغالتىر بولغان.

     1987-يىلى 11-ئايدىن 1989-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

    1989-يىلى 6-ئايدىن 1990-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    1990-يىلى 4-ئايدىن 1991-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان.

    1991-يىلى 12-ئايدىن 1994-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۈيتۈن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

    1994-يىلى 10-ئايدىن 1997-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى كارخانا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

    1997-يىلى 2-ئايدىن 1997-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسەت، قانۇن-نىزام باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان.

    1997-يىلى 7-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد-سودا كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بولغان.

    2000-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

    2001-يىلى 8-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 13-شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار بولغان (2002-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

    2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى بولغان.

     2006-يىلى 5-ئايدىن 2006-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇدىرى بولغان.

    2006-يىلى 11-ئايدىن 2007-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى بولغان.

    2007-يىلى 5-ئايدىن 2009-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بولغان.

    2009-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى.(تامام)