كۈرەش مەخسۇت
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 18:55:51

     كۈرەش مەخسۇت، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ گۇمىدىن، 1984-يىلى 1-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

    1977-يىلى 1-ئايدىن 1977-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى تەلىم-تەربىيە ئەترىتىدە ئوقۇغان.

    1977-يىلى 9-ئايدىن 1979-يىلى 2-ئايغىچە ئازادلىق ئارمىيە ئۆلچەش-سىزىش ئىنستىتۇتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

    1979-يىلى 2-ئايدىن 1980-يىلى 9-ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2- ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتىدە ئۆلچەش-سىزىش خادىمى بولغان.

    1980-يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 2-ئايغىچە گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى ئاۋىئاتسىيىلىك ئۆلچەش ئىچكى كەسپىي ئەترىتىدە تېخنىك بولغان.

    1982-يىلى 2-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە ئۈرۈمچى ھەربىي رايونى 2- ئۆلچەش-سىزىش چوڭ ئەترىتى خەرىتە ئەترىتىدە مۇئاۋىن ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى بولغان.

    1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتۇش باشقارمىسى، ئىشتىن سىرتقى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ كادىرى بولغان.

    1988-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتىنىڭ كادىرى بولغان.

    1992-يىلى 12-ئايدىن 1993-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى 3-باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

    1993-يىلى 2-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش 2-ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

    1996-يىلى 1-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    1998-يىلى 10-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان(1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

    2000-يىلى 4-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتىيەكومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.

    2003-يىلى 1-ئايدىن 2007-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىبولغان (2001-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان).

    2007-يىلى 12-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

    2008-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.(تامام)