ئەركىنجان تۇراخۇن
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 18:55:51

 

    ئەركىنجان تۇراخۇن، ئەر، ئۇيغۇر، 1964 - يىلى 6 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قەشقەردىن، 1985 - يىلى 1 - ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1985 - يىلى 7 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. چاڭجياڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا - سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، سودا - سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرى.

    1981 - يىلى 9 - ئايدىن 1985 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى پىلان - ستاتىستىكا فاكۇلتېتىنىڭ پىلان - ستاتىستىكا كەسپىدە ئوقۇغان.

    1985 - يىلى 7 - ئايدىن 1986 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان.

    1986 - يىلى 5 - ئايدىن 1988 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

    1988 - يىلى 5 - ئايدىن 1990- يىلى 1 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلارئىتتىپاقى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قوشۇمچە شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

    1990 - يىلى 1 - ئايدىن 1992 - يىلى 7 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان (1990 - يىلى 12 - ئايدىن 1991 - يىلى 3 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقتۇ ناھىيىسىدە سوتسىيالىستىك تەربىيىگە قاتناشقان).

    1992 - يىلى 7 - ئايدىن 1994 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان (1992 - يىلى 9 - ئايدىن 1992 - يىلى 11 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

    1994 - يىلى 5 - ئايدىن 1999 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلارئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (1993 - يىلى 7 - ئايدىن 1995 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كونىشەھەر ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتىدا مۇئاۋىن شۇجىلىق ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان؛

     1997 - يىلى 4 - ئايدىن 1997 - يىلى 12 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مەركەزلىك تۈزەش خىزمەت ئەترىتى» قاراقاش ناھىيەلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان).

    1999 - يىلى 5 - ئايدىن 2003 - يىلى 7 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (1998 - يىلى 9 - ئايدىن 2000 - يىلى 7 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي-ئىقتىساد كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛

    2002 - يىلى 12 - ئايدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلانغان).

    2003 - يىلى 7 - ئايدىن 2004 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان (2003 - يىلى 3 - ئايدىن 2004 - يىلى 1 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

     2004 - يىلى 5 - ئايدىن 2006- يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

    2006 - يىلى 5 - ئايدىن 2008 - يىلى 5 - ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (2004 - يىلى 5 - ئايدىن2006 - يىلى 10 - ئايغىچە چاڭجياڭ سودا ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا - سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق سىنىپىدا ئوقۇغان؛

    2006 - يىلى 8 - ئايدىن 2006 - يىلى 9 - ئايغىچە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئامېرىكا ستانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاچقان 4 - قارارلىقشەھەر پىلانلاش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا ئوقۇغان؛

    2007 - يىلى 9 - ئايدىن 2007 - يىلى 11 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيەمەكتىپى بىلىم ئاشۇرۇش 1 - سىنىپى 42 – قارارلىق كۇرسىدا ئوقۇغان).

    2008 - يىلى 5 - ئايدىن 2008 - يىلى 6 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

     2008 - يىلى 6 - ئايدىن 2008 - يىلى 10 - ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان.

    2008 - يىلى 10 - ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى (قوشۇمچە).

    سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.(تامام)