جۇخەيلۇن
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 18:55:51

 

    جۇ خەيلۈن، ئەر، خەنزۇ، 1958-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ليەنشۈيدىن، 1980-يىلى 5-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1975-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

     1975-يىلى 7-ئايدىن 1977-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيىسى يىتىملىقۇم گۇڭشېسى 23-ئەترىتىدە قايتا تەربىيە ئالغان.

    1977-يىلى 8-ئايدىن 1981-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيىسى غوجائېرىق گۇڭشېسىدا كاتىپ بولغان.

    1981-يىلى 1-ئايدىن 1984-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاغىلىق ناھىيىلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان.

    1984-يىلى 1-ئايدىن 1990-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ، مۇئاۋىن بۆلۈمدەرىجىلىك كاتىپ، بۆلۈم دەرىجىلىك كاتىپ بولغان (1985-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئاساسىي نەزەرىيە سىنىپىدا ئوقۇغان).

    1990-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1993-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).

    1993-يىلى 12-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1995-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

    1996-يىلى 7-ئايدىن 1998-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

     1998-يىلى 6-ئايدىن 2001-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (1998-يىلى 8-ئايدىن 2000-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

    2001-يىلى 8-ئايدىن 2003-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

    2003-يىلى 12-ئايدىن 2004-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

    2004-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 14-شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار بولغان.

    2006-يىلى 10-ئايدىن 2009-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (2007-يىلى 5-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

    2009-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 11-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

    2009-يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى-سانجى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 12-شىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، 1-سىياسىي كومىسسار.(تامام)