سۇڭ ئەيرۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 18:55:51

     سۇڭ ئەيرۇڭ، ئايال، خەنزۇ، 1959-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن فۇگۇدىن، 1981-يىلى 1-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، مەسئۇل ئىقتىسادچى.

     1977-يىلى 9-ئايدىن 1978-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ناھىيىسى قىزىلبايراق گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولغان.

    1978-يىلى 3-ئايدىن 1981-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىنىڭ ئانئورگانىك خىمىيە سانائىتى كەسپىدە ئوقۇغان.

    1981-يىلى 3-ئايدىن 1984-يىلى 6-ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپى پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ تەشكىلات كادىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (1981-يىلى 9-ئايدىن 1983-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى مەكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇغان).

    1984-يىلى 6-ئايدىن 1986-يىلى 9-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان.

     1986-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 4-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خىمىيە سانائىتى ئىدارىسى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان.

    1992-يىلى 4-ئايدىن 1994-يىلى 5-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خلور-ئىشقار زاۋۇتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان(1993-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 1-ئايغىچە داليەن تەبىئىي پەن-سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

    1994-يىلى 5-ئايدىن 1996-يىلى 1-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    1996-يىلى 1-ئايدىن 1999-يىلى 9-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان (1994-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى تولۇق كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان؛

    1996-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 3-ئايغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاسپىرانتورىيىسىسانائەت ئىقتىسادى فاكۇلتېتىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان؛

    1997-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىر يىللىق تۈزۈمدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

    1999-يىلى 9-ئايدىن 2005-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (1997-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ سىياسىي كەسپىدە ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان).

    2005-يىلى 1-ئايدىن 2006-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

    2006-يىلى 10-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 2008-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    2011-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

     پارتىيە 16-، 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى.(تامام)