سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

نۇرلان ئابىلمەجىن

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-17

    نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەر، قازاق، 1962 – يىلى 12 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ قورغاستىن، 1985 – يىلى 5 – ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1985 –يىلى 7 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسىي كەسپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان.

    1981 – يىلى 9 – ئايدىن 1985 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە ئوقۇغان.

    1985 – يىلى 6 – ئايدىن 1985 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى تاللانغان ئوقۇغۇچىلار كۇرسىدا ئوقۇغان.

    1985 – يىلى 7 – ئايدىن 1987 – يىلى 6 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توققۇزتارا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە ياردەمچى سوتچى، سوتچى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى قوشۇمچە جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى، مۇۋەققەت مەھكىمە باشلىقى بولغان.

    1987 – يىلى 6 – ئايدىن 1992 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توققۇزتارا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان(1990 – يىلى 8 – ئايدىن 1991 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە سىنىپىدا ئوقۇغان).

    1992 – يىلى 1 – ئايدىن 1993 – يىلى 5 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى ئوبلاستلىق شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيىسىنىڭ باشلىقى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    1993 – يىلى 5 – ئايدىن 2001 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلى ئوبلاستلىق شۆبىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى بولغان(1995 – يىلى 5 – ئايدىن 1995 – يىلى 12 – ئايغىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭىدا مۇدىر ياردەمچىسى بولۇپ چېنىققان؛

    1998 – يىلى 9 – ئايدىن 2000 – يىلى 10 – ئايغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىدىيىۋى-سىياسىي كەسپى ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان).

    2001 – يىلى 7 – ئايدىن 2002 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، 1- مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان.

    2002 – يىلى 1 – ئايدىن 2002 – يىلى 3 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئوبلاست باشلىقى بولغان.

    2002 – يىلى 3 – ئايدىن 2003 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان.

    2003 – يىلى 1 – ئايدىن 2004 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

    2004 – يىلى 4 – ئايدىن 2005 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(1995 – يىلى 8 – ئايدىن 2005 – يىلى 8 – ئايغىچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان).

    2005 – يىلى 9 – ئايدىن 2006 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

    2006 – يىلى 10 – ئايدىن 2008 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭمۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

    2008 – يىلى 1 – ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.(تامام)

[قەلبىنۇر]
010020070830000000000000011100001315332461