شەۋكەت ئىمىن
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 18:55:51

 

    شاۋكەت ئىمىن، ئەر، ئۇيغۇر، 1959-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ ماناستىن، 1981-يىلى 6-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ مىللىيئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئىشلەۋېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان.

    1977-يىلى 10-ئايدىن 1979-يىلى 10-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماناس ناھىيىسى شىنخې ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان.

    1979-يىلى 10-ئايدىن 1983-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە فاكۇلتېتىنىڭ يېنىك ئاتلېتكا كەسپىدە ئوقۇغان. 

      1983-يىلى 8-ئايدىن 1984-يىلى 8-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

    1984-يىلى 8-ئايدىن 1989-يىلى 4-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شۇجىسى بولغان(1985-يىلى 3-ئايدىن 1985-يىلى7-ئايغىچە شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ كادىرلىرى بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپىدا ئوقۇغان؛

    1986-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان).

    1989-يىلى 4-ئايدىن 1992-يىلى 1-ئايغىچە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى قوشۇمچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

    1992-يىلى 1-ئايدىن 1993-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(ھاكىم دەرىجىلىك).

    1993-يىلى 3-ئايدىن 1994-يىلى 4-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىتۇرپان ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

      1994-يىلى 4-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(1995-يىلى 6-ئايدىن 1998-يىلى 10-ئايغىچە قوشۇمچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

    1996-يىلى 3-ئايدىن 1996-يىلى 9-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

    1998-يىلى 10-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان(1998-يىلى 9-ئايدىن 2000-يىلى 7-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتورىيىسىنىڭ مىللىي ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان).

    2000-يىلى 7-ئايدىن 2004-يىلى 12-ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان(2000-يىلى 3-ئايدىن 2001-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان).

    2004-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.(تامام)