خۇاڭ ۋېي
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-17 18:55:51

 

     خۇاڭ ۋېي، ئەر، خەنزۇ، 1961-يىلى 4-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ تۇڭجۇدىن، 1982-يىلى 7-ئايدا پارتىيىگە كىرگەن، 1977-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-تىرانسىپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ تاشيول ۋە شەھەر يوللىرى، ئايرودروم قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سانائەت پەنلىرى دوكتورى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پروفېسسور.

    1977-يىلى 10-ئايدىن 1978-يىلى 9-ئايغىچە جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ ناھىيىسى شىگاڭ گۇڭشېسى چىشىن باشلانغۇچ مەكتىپىدە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان.

    1978-يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 8-ئايغىچە نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ يول قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان.

    1982-يىلى 8-ئايدىن 1983-يىلى 9-ئايغىچە ئازادلىق ئارمىيە ساپيورلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.

    1983-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنىڭ يول قۇرۇلۇشى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغان، ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاسپىرانتلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

     1986-يىلى 1-ئايدىن 1988-يىلى 6-ئايغىچە نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتى ئاممىۋى قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى يول ئىلمى كافېدىراسىدا ئاسسىستېنت، لېكتور، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

    1988-يىلى 6-ئايدىن 1990-يىلى 10-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-ترانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدا كافېدىرا مۇدىرى، لېكتور بولغان.

    1990-يىلى 10-ئايدىن 1995-يىلى 1-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-ترانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، پروففېسسورى بولغان (1991-يىلى 9-ئايدىن 1994-يىلى 10-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ تاشيول ۋە شەھەر يوللىرى، ئايرودروم قۇرۇلۇشى كەسپىدە دوكتور ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇغان؛

    1993-يىلى 5-ئايدىن 1994-يىلى 2-ئايغىچە ئامېرىكا كالىفورنىيە بېركېلېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىي زىيارەتچى ئالىم بولۇپ تۇرغان).

    1995-يىلى 1-ئايدىن 1996-يىلى 5-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش-تىرانسپورت قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (1995-يىلى 5-ئايدا سانائەت پەنلىرى دوكتورى بولغان؛ 1996-يىلى 4-ئايدا دوكتور يېتەكچىسى بولغان).

    1996-يىلى 5-ئايدىن 1998-يىلى 5-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

    1998-يىلى 5-ئايدىن 1999-يىلى 6-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

    1999-يىلى 6-ئايدىن 2000-يىلى 4-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان (2000-يىلى2-ئايدا «چاڭجياڭ ئالىملىرىنى مۇكاپاتلاش پىلانى»نىڭ تەكلىپلىك پروففېسسورى بولغان).

    2000-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 8-ئايغىچە شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتناش ئىنستىتۇتىنىڭ پروففېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى بولغان (مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دەرىجىلىك).

    2001-يىلى 8-ئايدىن 2003-يىلى 2-ئايغىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ نازىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

    2003-يىلى 2-ئايدىن 2003-يىلى 8-ئايغىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    2003-يىلى 8-ئايدىن 2008-يىلى 3-ئايغىچە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (2007-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان).

    2008-يىلى 3-ئايدىن 2008-يىلى 9-ئايغىچە تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىنىڭمۇئاۋىن مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    2008-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 11-ئايغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    2008-يىلى 11-ئايدىن 2010-يىلى 12-ئايغىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

    2010-يىلى 12-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىيكومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى.(تامام)