شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-16 17:47:41

      ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

      ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى» گە قوشۇلدى، بۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشىڭلارنى ۋە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

    2009 - يىل 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      1 - ماددا بۇ چارە نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ھەربىيلەرگە نەپىقە - ئېتىبار بېرىش نىزامى»، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ «<1 - دەرىجىلىكتىن 6 - دەرىجىلىككىچە بولغان مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى> نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (خ [2005] 199 - نومۇرلۇق)، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، مالىيە مىنىستىرلىكى، سابىق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ «<نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش چارىسى> نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (خ [2007] 101 - نومۇرلۇق) ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، سابىق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ «نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردەم مەبلىغىنى ئىشلىتىشكە ۋە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئى (م ئى [2008] 35 - نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ چارە ھەربىيدىن چېكىنگەن مېيىپلەر (مەجرۇھ خەلق ئەسكىرى، خەلق ئىشچىسى)، قەرەللىك نەپىقە پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، خىزمەت ئۈستىدە ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى («3 ئائىلە تاۋابىئاتلىرى» دەپ قىسقارتىلدى)، ھەربىيدىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقانلار، كېسەل سەۋەبىدىن قىسىمدىن چېكىنگەنلەر، تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان جەڭگە قاتنىشىپ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان سابىق 8023 - قىسىم، شۇنداقلا يادرو سىنىقىغا قاتنىشىپ ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە تەدبىقلىنىدۇ.

    3 - ماددا تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، نەپىقە ئوبيېكتلىرى شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يېڭىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ. شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش - قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار شەھەر ياكى يېزا داۋالىنىش - قۇتقۇزۇش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى، داۋالىنىش ئېتىبارى، داۋالىنىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.