ئەسقەت كەرىمباي
مەسئۇل مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-13 11:27:20

 

     ئەسقەت كەرىمباي، ئەر، قازاق، 1947 - يىل 11 - ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ غۇلجىدىن، 1975 - يىل 11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1970 - يىل 8 - ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

    1965 - يىلى 9 - ئايدىن 1970 - يىلى 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقۇغان؛

    1970 - يىلى 8 - ئايدىن 1972 - يىلى 5 - ئايغىچە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 9901 - قىسىمىدا چېنىققان؛

    1972 - يىلى 5 - ئايدىن 1976 - يىلى 10 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيەسى 1 - چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت - مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلىگەن؛

    1976 - يىلى 10 - ئايدىن 1983 - يىلى 12 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن؛

    1983 - يىلى 12 - ئايدىن 1984 - يىلى 12 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

    1984 - يىلى 12 - ئايدىن 1987 - يىلى 3 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛

    1987 - يىلى 3 - ئايدىن 1988 - يىلى 5 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

    1988 - يىلى 5 - ئايدىن 1993 - يىلى 1 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى بولغان؛

    1993 - يىلى 1 - ئايدىن 1996 - يىلى 2 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1994 - يىلى 3 - ئايدىن 1994 - يىلى 5 - ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان)؛

    1996 - يىلى 2 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان؛

    1996 - يىلى 4 - ئايدىن 2003 - يىلى 1 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

    2003 - يىلى 1 - ئايدىن 2006 - يىلى 10 - ئايغىچە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

    2006 - يىلى 10 - ئايدىن 2008 - يىلى 1 - ئايغىچە ، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

    ئۇ ج ك پ 15 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى؛ ج ك پ 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان، ج ك پ 16 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاپ سايلانغان؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. (تامام)