سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى

مۇھەررىر: قەلبىنۇر
مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-12

 

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى1982 ـ يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1982-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېلانى بىلەن يولغا قويۇشقا جاكارلانغان، 1988-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»، 1993-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى» ۋە 2004-يىل 3-ئاينىڭ 14-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇلتىيىتىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»گە ئاساسەن تۈزىتىلگەن.

سۆز بېشى

    جۇڭگو دۇنيادا تارىخى ئەڭ ئۇزاق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە پارلاق مەدەنىيەت ياراتتى، ئۇلار شانلىق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە.

     فېئوداللىق جۇڭگو 1840-يىلىدىن كېيىن، پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دېموكراتىيە-ئەركىنلىك يولىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ قەھرىمانە كۈرەش قىلدى.

    20-ئەسىردە، جۇڭگودا يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ئۇلۇغ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

    1911-يىلى سۇن جۇڭشەن ئەپەندى رەھبەرلىك قىلغان شىنخەي ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگونى بەرپا قىلدى، شۇنداقتىمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە ۋە فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىسى ئورۇندالمىدى.

    رەئىس ماۋ زېدۇڭ يولباشچىلىقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلغان جاپالىق، ئەگرى-توقاي قوراللىق كۈرەشلەرنى ۋە باشقا شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1949-يىلى جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىر ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز يېڭى دېموكراتىزمدىن پەيدىنپەي سوتسىيالىزمغا ئۆتتى. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك جەھەتتىكى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئورۇندالدى، كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈم يوقىتىلدى، سوتىسيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىلدى. ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسى، ماھىيەتتە پرولېتارىيات دىكتاتورىسى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى جاھانگىرلىك ۋە زومىگەرلىكنىڭ تاجاۋۇزى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سوتسىيالىستىك سانائەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ۋۇجۇدقا كەلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە باشقا ئىشلار زور دەرىجىدە راۋاجلاندى، سوتسىيالىستىك ئىدىيىۋى تەربىيىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. كەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلاندى.

   جۇڭگودا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ۋە سوتسىيالىزم ئىشىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقلارنى تۈزىتىشى، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىمخەتەرلەرنى يېڭىشى ئارقىسىدا قولغا كەلدى. دۆلىتىمىز ئۇزاققىچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى – جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ، كۈچنى توپلاپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش. جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى داۋاملىق تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىسىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزمغا خاس تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى ۋە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانائەت، يېزا ئىگىلىكىنى، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە پەن-تېخنىكىنى پەيدىنپەي زامانىۋىلاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماسلاشما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页   >>|

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315227061